كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى لىۋىيىدە ئەسىرلەرگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

پەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى لىۋىيىدىكى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، كازافىينىڭ قولغا چۈشكەن قوللىغۇچىلىرىغا ۋە كازافىينىڭ يۇرتداشلىرىغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى لوندوندىكى بىر مەخپىي تەكشۈرۈش ئورگىنى تەييارلىغان دوكلاتىدا، يېقىندىن بۇيان لىۋىيىدە قولغا ئېلىنغان مىڭلارچە كىشىنىڭ تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

300 دەك كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىدە ھازىرلانغان دوكلاتتا، ئەسىرگە ئېلىنغان كازافىينىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىنغانلىقى، بەزى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قىيناش سايمانلىرىنىڭ بايقالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىككى گۇندىپاي ئەسىرلەرنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىيناش ۋاسىتىسى قوللانغانلىقىنى قوبۇل قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەسكەرتىپ : لىۋىيىدە ھازىر ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن قالايمىقانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالغا سەل قارالسا، بۇ، يېڭى لىۋىيىنىڭ كازافىي دەۋرىدىكى لىۋىيىدىن ئانچە پەرقى بولمايدىغانلىقىدەك خاتا بىر چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئۆتمۈشكە ئەمەس، كەلگۈسىگە قارىشى كېرەك، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىمۇ بۈگۈن بۇ چاقىرىقلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ ئەھۋالنى دەرھال سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.