ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەر يەنىلا شەھەر مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى كونترول قىلغان. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۇلارغا بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق شەھەر مەركىزىگە كىرەلمىگەن. شەھەر ئىچىنى كۆپلىگەن ئۆكتىچىلەر قاپلىغان.
تۈنۈگۈن كېچە كازافىينىڭ كۈچلىرى شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئېغىر قوراللارنىمۇ ئىشلەتكەن. كەم دېگەندە 50 نەچچە شەھەر پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر 100 مىڭدىن ئارتۇق لىۋىيىلىك ئەتراپتىكى مىسىر ۋە تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ كەتكەن بولۇپ، مۇساپىرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا ئىكەن.