بۇلار دۆلەتلىك ۋراتار جۈمە گتات ۋە لىۋىيە پايتەختى تروپىلدىكى ئالىي پۇتبول كلۇبى-ئالاھلي كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى ئادېل بىن ئىسسا قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە جۈمە: مەن كازافىيغا بىزنى قويۇۋەت ۋە بىزنىڭ ھۆر لىۋىيە قۇرۇشىمىزغا يول قوي دەپ چاقىرىق قىلىمەن، دېگەن.
ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ كازافىيغا بىر كۈچلۈك سىگنال بېرىش ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ناتو قىسىملىرى كازافىي ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشىنى باشلىغاندىن كېيىن، كازافينىڭ بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلىگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم ھەربىي گېنېراللىرى قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.