تروپلى قاماقخانىلىرىدىكى ئىسيانچىلار قويۇپ بېرىلدى

لىۋىيىدە كازافىي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نامايىش ۋە ئىسيانلار باشلىغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت تەرەپ ئىسيانغا قاتناشقان ياكى قاتناشتى دەپ قارىغان نەچچە يۈزلىگەن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن قاماقخانىلاردىكى بۇ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرگەن. خەلقئارا قىزىل كىرىس جەمئىيىتى بۈگۈن، قويۇپ بېرىلگەنلەردىن تۇنجى تۈركۈمدە 300 كىشىنى ئىسيانچىلارنىڭ مەركىزى بىڭغازىغا ئاپارغان.

بىرقانچە ئايلىق قاماقتىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان بۇ ئىسيانچىلار، بىڭغازىغا كېلىش سەپىرىدە غەلىبە تەن-تەنىسى قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئىسيانچىلارنى نېمە ئۈچۈن قويۇۋەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، كازافىينىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئىسيانچىلار بىلەن جەڭ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسيانچىلارنىڭ قەلبىنى ئېرىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، كۆپ ساندىكى ئىسيانچىنى قاماقخانىدا ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.