بۈگۈن خىتاينىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي باياناتچى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن. مۇخبىر باياناتچىدىن «جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ لىۋىيە ھەققىدىكى جازالاش قارارىنى قوللىشى، جۇڭگو ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىغا خىلاپ ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان.
ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان باياناتچى، سوئالغا نەق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، جۇڭگونىڭ لىۋىيىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ۋە لىۋىيىدىكى مەۋجۇت سىياسىي كرىزىسنىڭ دىئالوگ ئارقىلىق ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىۋىيىدە ئىنقىلاب باشلانغاندىن بۇيان خىتاينىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەيدانى پاسسىپلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتاي پەقەت دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىنلا ب د ت نىڭ شەنبە كۈنىدىكى مەزكۇر قارارىنى قوللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا، لىۋىيىدىكى ئىسيانچى خەلقنى ئاشكارا قوللىماقتا.
بۈگۈن فرانسىيىنىڭ ئىككى تېببىي ئايروپىلانى لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈركۈم ھەربىي پاراخوت ۋە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىمۇ نىشانىنى لىۋىيىگە توغرىلىغان.