لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار كېڭىشى كازافينىڭ سۆھبەتلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى

لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار كېڭىشى شەنبە كۈنى، كازافينىڭ سۆھبەتلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى ۋە كازافينىڭ لىۋىيىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشتە سالاھىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسەتتى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت كومىتېتى رەئىسى ئابدۇل ھافىز غوگا: سۈلھى تۈزىدىغان ۋاقىت كەتتى، دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: لىۋىيە خەلق كەلگۈسى لىۋىيىدە كازافىينىڭ رېجىمى ھەرقانداق شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

كازافىي شەنبە كۈنى ھاكىمىيەتتىن ۋاز كۆچمىگەن ئاساستا لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كازافىي شەنبە كۈنى تارقاتقان تېلېۋىزىيە باياناتىدا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىمۇ ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كازافىي بىگۇناھ خەلققە ھۇجۇم قىلىشىنى توختاتمىغۇچە كازافىي قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە كازافىي قىسىملىرىنىڭ بارغانچە ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.