شەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قوزغىلاڭچىلار بۈگۈن ترىپولىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى كونترول ئاستىغا ئالغان ۋە شەھەرنىڭ چەت ياقىلىرىدىكى كازافىيغا سادىق قىسىملار بىلەن سوقۇشقان.
نۆۋەتتە كازافىي ئارمىيىسى كازافىي تۇغۇلغان سىرتە رايونىغا توپلانغان ۋە سىرتەگە كىرىدىغان تاشيولنى ئىگىلىگەن.
لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى مىللىي كېڭەش باياناتچىسى مەھمۇد شاممام نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ سىرتىدىكى يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن شەھەرنى تىنچ يول بىلەن تاپشۇرۇش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز بۇ شەھەرنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئېلىشقا قۇربىمىز يەتسىمۇ، تىنچ يول بىلەن ئېلىشنى خالايمىز. قوزغىلاڭچىلار پايتەختكە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، كازافىي غايىب بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز -دېرىكى بولمىغان.