لېكىن، قوزغىلاڭچىلار سىرت شەھىرىنى قوغداۋاتقان كازافىي كۈچلىرىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ شەھەرنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قوزغىلاڭچىلار سىرت شەھىرىگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن كازافىي كۈچلىرىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچراپ توختاپ قالغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ كازافىي قىسىملىرىنىڭ توپقا تۇتۇشى سەۋەبىدىن بىن جاۋىدقا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن بۇرۇن قوزغىلاڭچىلار ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن پايدىلىنىپ، لىۋىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى راست لانۇف، برېگا، ئۇقايلا ۋە بىن جاۋاد قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نۇقتا ۋە شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان ئىدى. لېكىن، يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ لىۋىيىدىكى ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ش ئا ئو ئە ت ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى قوغداۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان.
ش ئا ئو ئە ت نىڭ لىۋىيىدىكى ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ قوماندانى گېنېرال چارلىس بوچارد، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھۇجۇم تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان پۇقرالار ۋە ئاھالىلەر نۇقتىلىرىنى قوغداش» دەپ تەكىتلىگەن. شۇ كۈنى يەنە، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە كازافىي تەرەپدارلىرىنى ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي كازافىيدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە دۈشەنبە كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز كازافىينىڭ لىۋىيىنى بالايى-ئاپەتكە ئېلىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلغان كازافىي تەرەپدارلىرىنى، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆتكۈنچى باسقۇچقا قاتنىشىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لىۋىيىنىڭ غەربىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىلاردىن مىسراتا شەھىرىدە ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر شەھەر كازافىي كۈچلىرى تەرىپىدىن توپقا تۇتۇلماقتا ئىكەن.