لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ باياناتچىسى مىسراتا ئازاد قىلىندى دەپ جاكارلىدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مىسراتا شەھىرى، كازافىي قىسىملىرى ئىككى ئايدىن بۇيان قايتا-قايتا ھۇجۇم قوزغاۋاتقان لىۋىيىنىڭ غەرب تەرەپتىكى مۇھىم چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى.

لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باياناتچىسى گېمال سېلىم بۈگۈن، مىسراتا شەھىرى كازافىي قىسىملىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىندى، كازافىينىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى ئۆلدى، تىرىك قالغانلىرى قاچتى دەپ جاكارلىدى.

ناتو قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمدىن مەلۇم بولۇشىچە، كازافىي قىسىملىرى بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا، مىسراتادا ئۇرۇش قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

ئەمما ئۇنىڭ ئورنىنى يەرلىك قەبىلە قىسىملىرى ئىگىلەپ، قوزغىلاڭچىلار بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىشى مۇمكىن ئىدى.

قوزغىلاڭچىلارنىڭ باياناتچىسى گېمال سېلىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسىرگە چۈشكەن بىر كازافىي ئەسكىرى، كازافىي قىسىملىرى مىسراتادىن چېكىنىپ كېتىشتىن بۇرۇن ، بۇ شەھەرگە يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، كازافىي سىرتتا تۇرۇپ بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار ھازىر مىسراتا شەھىرىنى تازىلاۋاتىدۇ، كۆمۈلگەن مىنا ئاز ئەمەس.