قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كازافىي ئىگىلىۋالغان جايلارنى قايتۇرۇۋالماقتا

ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ كازافىي قوشۇنلىرىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىتىشىغا ئەگىشىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى غەلىبەسېرى جەڭ قىلىپ، شەنبە كۈنى ئەجدابىيە شەھىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، پايتەخت ترىپولىدىن يىراق بولمىغان برېگە شەھىرىنى قايتۇرۇۋالدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.03.27

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا، قوزغىلاڭچىلار يەكشەنبە كۈنى شىمال تەرەپتىكى بېنجاۋادا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە لىۋىيىنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغىقىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە مۇھىم نېفىت شەھىرى راس-لانۇفنى ئىگىلىگەن. ھازىرغىچە تۆت شەھەر قايتۇرۇۋېلىنغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرى بەلكى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزلىرى ئايرىم ھالدا چەتئەلگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭغا قاتار ۋە باشقا دۆلەتلەر ياردەم بەرمەكچى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.