خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيىدە روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن، نەچچە مىڭلىغان ئاممىنىڭ كوچىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى قىلغانلىقى، نامايىشچىلاردىن يەتتە كىشىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئەمما سۈرىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيىسىدە پرېزىدېنت بەشىر ئەسادنىڭ دەمەشىق مەسچىتىدە ئىپتار مەزگىلىدە پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە قەھۋە ئىچىپ، تورت يېگەنلىكى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر بېرىلىپ، خەلقنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
سۈرىيىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نارازىلىق نامايىشىنى قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، بەشىر ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قورال كۈچى ئىشلىتىپ، نامايىشچى ئاممىدىن تەخمىنەن 2200 ئەتراپىدا ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.