رۇسىيە غەربنىڭ سۈرىيىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالاش پىلانىغا قارشى چىقتى

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئۆز خەلقىنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىنى ئىزچىل ھالدا قانلىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالاش ھەققىدە قارار لايىھىسى تۈزگەن ئىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرىمۇ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر باياناتىدا، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسادقا قاتتىقراق توندا سىگنال بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىشارەت بەرگەن ئىدى. ئەمما پرېزىدېنت مېدۋىدېۋ بۈگۈنكى يەنى دۈشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە سۈرىيىگە ئارتۇقچە جازا قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر لايىھىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە تەستىقلىنىش مۇمكىنچىلىكى ۋاقتىنچە توسالغۇغا ئۇچرىدى.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىسسارى ناۋىي پىلاي سۈرىيىدە ئىسيان باشلانغاندىن ھازىرغا قەدەر 1600 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. سۈرىيە ھۆكۈمىتى بولسا يۇقىرىقى ساننى رەت قىلىپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1400 ئىكەنلىكىنى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ يېرىمى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.