لىۋىيىلىكلەر پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى

لىۋىيىلىكلەر 50 يىلدىن بۇيانقى ھەمدە مۇئەممەر قەززافى (كازافى) يوقىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى پارلامېنت سايلىمىنى ئۆتكۈزدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېلەت تاشلاش كۆپىنچە رايونلاردا تىنچ ۋە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەن.


لىۋىيە پايتەختى ترىپولىدا بېلەت تاشلىغۇچىلار بېلەت تاشلاش ئورۇنلىرىغا توپ - توپ كېلىشىپ، سائەتلەپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بېلەت تاشلاشتى.

بېلەت تاشلاشقا كەلگەن ئادەم سابېت ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەپ: مەن غەيرى ئەمما گۈزەل تۇيغۇلاردا بولۇۋاتىمەن. بىز يىللاردىن بۇيانقى مۇدھىشلىك ھاياتتىن ئاخىرى ھۆرلۈككە ئېرىشتۇق. بىز بۇ كۈننىڭ ئاخىرى بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. ئەمما «بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتەرمۇ» دەپ ئەندىشە قىلغان ئىدۇق، دېدى

بۇ نۆۋەت لىۋىيە پارلامېنتىدا 200 ئورۇن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بەزى رايونلار پارلامېنتتا ئۆزلىرىگە يېتەرلىك ئاۋاز بېرىلمىگەنلىكىدىن نارازى بولۇشقان. بەزى رايونلاردا بېلەت تاشلاش ساندۇقىنى كۆيدۈرۈش ۋە سايلام خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. ئەمما بىلەن تاشلاش ئومۇمەن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.

بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇرەھىم ئەل-كەيىب سوز قىلىپ: بىز بۇ كۈننى تەبرىكلىمەكتىمىز ھەمدە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىزگە جور بولۇشىنى تىلەيمىز، دېدى.

لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى 2011 - يىلى 23 - ئاۋغۇست لىۋىيىنىڭ ئاخىرقى دىكتاتورى مۇئەممەر قەززەفى (كازافى) نىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، لىۋىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ۋە كازافى دەۋرىگە خاتىمە بېرىلگەن ئىدى.