7 - ئىيۇل كۈنى لىۋىيىدىكى پرېزىدېنتى سايلىمى ئاخىرلاشتى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1500 بېلەت تاشلاش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن 100 دىن ئارتۇق پونكىت قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىش تۈپەيلىدىن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان.
بۇ لىۋىيىدە 1969 - يىلىدىن بۇيانقى 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سايلام ھېسابلىنىدۇ. 1969 - يىلى، كازافىي سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلام ئارقىلىق لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى پارلامېنتى بېكىتىلىدۇ.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لىۋىيە خەلقىنى بۇ ئەركى سايلام بىلەن تەبرىكلىگەن ھەمدە بۇنى بۇ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈش جەريانىدىكى بىر ئابىدە دەپ يۇقىرى باھالىغان.