خىتاي ھۆكۈمىتى لىۋىيە ئۆكتىچى رەھبىرىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ، كازافىي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ماخمۇد جىبرىلنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، خىتايدا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەپلەر ئارىسىدا مادارىچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى تور بېتى ئارقىلىق ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى قىسقا باياناتتا، ماخمۇد جىبرىلنىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن زىيارەتكە دائىر باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

لىۋىيە مىللىي كېڭىشى لىۋىيىدىكى كازافىيغا قارشى ھەر قايسى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇپ، ماخمۇد جىبرىل بولسا مەزكۇر ئورگان ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى. خىتاي بۇ يىل 2‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى لىۋىيىدە كازافىيغا قارشى ئىسيان پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە ۋەزىيەتكە ئارىلاشماي بىر چەتكە چىقىپ تۇرغان. ئۇ ھەتتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە توغرىسىدىكى قارارىغا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

لېكىن، خىتاي بۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، مىللىي كېڭەش رەئىسى مۇستافا ئابدۇلجېلىل ۋە لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇل ئاتى ئەل ئۆبەيدە بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن.

خىتاي يەنە، لىۋىيە ھۆكۈمرانى كازافىينى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىشنى رەت قىلىپ، ش ئا ئە ت نىڭ كازافىيغا قاراشلىق ھەربىي نىشانلارغا قاراتقان ھاۋا بومباردىمانىنى تەنقىد قىلغان.

خىتاي بۇرۇن لىۋىيىنىڭ نېفىت، تېلېفون ئالاقىسى ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن خىتاي لىۋىيىدە ئىشلەيدىغان 35 مىڭ خىتاي ئىشچىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.