يىغىندا لىۋىيىلىك ئىسيانچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن ۋاقىتلىق فوند تەشكىل قىلىندى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فوندنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق مەلۇمات تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىللارى كىلىنتون خانىم كاززافىنىڭ ۋە لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەت يېڭى باشلانغان ۋاقىتتا توڭلىتىۋېتىلگەن 30 مىليارد دوللارلىق مال -مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىسيانچىلارغا بېرىلىشىنىڭ قانۇنىي يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن سىرت خىللىرى كىلىنتون يەنە، لىۋىيىدىكى خەلقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ كاززافىي كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دېموكراتىك بىر سىياسىي باسقۇچنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا سوتنىڭ باش سوتچىسى لۇيىس مورېنونىڭ ئېيتىشىچە، كاززافىنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن قوراللىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە 2 -ئاينىڭ ئۆزىدىلا 500-700 گىچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، خەلقئارا سوت ھازىر بەزى لىۋىيىلىك رەھبەرلەر ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. خەلقئارا سوت تېخى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان.