ماقالىدە، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە يەنە بەش نەپەر ئۇيغۇر بارلىقى، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.
ماقالىدە يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا چىقىپ، ئامېرىكا ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ئامېرىكا دائىرىلىرىگە سېتىپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئاقلانغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.
گۇەنتانامو تۈرمىسىگە جەمئىي 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 17 نەپىرى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، ئالبانىيە قاتارلىق 4 دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈلگەن.
بۇلارنىڭ ئاخىرقى بەش نەپىرى پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە بېرىشكە قوشۇلمىغانلىقتىن، ھېلىھەم گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى.
ماقالە مۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇلغان «بىز ئامېرىكا قانۇننى بويىچە بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر سوت قوشۇلمىسا، بۇ ئەلۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۇنداق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىدى دېگەندە شۇنچىلىك نەرسىگە ئەرزىيدۇ.»