ب د ت خىزمەت كومىتېتى ليۇ شاۋبونىڭ 2009-يىلى «ئاغدۇرمىچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن سىرت بىلەن ئالاقىسى چەكلىنىپ، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر خىزمەت كومىتېتى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى « ليۇ شاۋبونى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغان زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش » قا ئۈندىگەن.
ليۇ شاۋبو 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. ليۇ شاۋبو 2008-يىلى ئاساسىي قانۇن نىزامنامىسىگە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتاينى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئۇنى قولغا ئېلىپ، «ئاغدۇرمىچىلىق » قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ب د ت خىزمەت كومىتېتى دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلغان بولسىمۇ، بىراق نېمە ئۈچۈن مۇداخىلە قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.