ليۇ شاۋبونىڭ ئىنىسى ليۇ شاۋشۇئەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاكىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئىنىسى ليۇ شاۋشۇئەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاكىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.15

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ليۇ شاۋشۇئەننىڭ تۇنجى قېتىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ليۇ شاۋشۇئەن مۇنداق دېگەن: "مەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاكامنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما، ئۇلار بۇنداق قىلمايدۇ."

ليۇ شاۋشۇئەن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ليۇ شاۋبو خىتاينى قانۇن ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ ئېلان قىلغان "2008 خىتابنامىسى" نىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى. ئۇ، 2009 - يىلى دېكابىردا " دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى" بىلەن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.