فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ليۇ شاۋشۇئەننىڭ تۇنجى قېتىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ليۇ شاۋشۇئەن مۇنداق دېگەن: "مەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاكامنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما، ئۇلار بۇنداق قىلمايدۇ."
ليۇ شاۋشۇئەن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ليۇ شاۋبو خىتاينى قانۇن ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ ئېلان قىلغان "2008 خىتابنامىسى" نىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى. ئۇ، 2009 - يىلى دېكابىردا " دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى" بىلەن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.