خوڭكوڭلۇقلار ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

"خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتنى قوللاش بىرلەشمىسى" دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى ليۇ شاۋبونى قوللاپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى قويۇۋېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم نامايىشچىلار قوللىرىدا شوئار پىلاكاتلىرىنى كۆتۈرگەن، يەنە بىر قىسىمى ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يۈز نىقابىنى كىيىۋالغان.

نامايىشچىلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىش داۋاملىشىش جەريانىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

خوڭكوڭدا دېموكراتىك ھوقۇقلارنى ھىمايە قىلىش نامايىشلىرى ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىش نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى.

تەيۋەن، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى قويۇۋېتىش تەلەپلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن.