خاۋېل بىلەن تۇتۇ ليۇ شاۋبونى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن شەخسلەر ئىدى. تۇتۇ بىلەن خاۋېل "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دىكى ماقالىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ليۇ شاۋبونى نامزاتلىققا كۆرسىتىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، "ئۇنىڭ ئۆز خەلقىغە تەلەپ قىلغان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق چاقىرىقى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈندۇر" دەپ تەكىتلىگەن.
ماقالىدە ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش خىتاينىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ليۇ شاۋبو نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شيانى نەزەربەنت ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ليۇ شاۋبو 2008 - يىلى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان نىزامنامە ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتايدا فېدېراتسىيىلىك تۈزۈمگە كۆچۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۆتكەن يىلى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. دائىرىلەر ئۇنى "ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
تۇتۇ بىلەن خاۋېل "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دىكى ماقالىسىدە يەنە، خىتاينى "يىراقنى كۆرەر دۆلەت" ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشقا چاقىرىپ، لېكىن"خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددى ئۆزىنىڭ باش مىنىستىرى توسۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۈچلىرىگە قارشى مەغلۇبىيەتلىك بۇ كۈرەشنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدۇ ياكى ئادالەتنى ياقلاپ، ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئائىلە نەزەربەنتىدىن ئازاد قىلىدۇ" دېگەن.
ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك خولدېر بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاخبارات ساھەسىگە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە "تۈپ نېگىزلىك ئىختىلاپى" بارلىقىنى تەكىتلىگەن.