ليۇ شاۋبونىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىنى كىمنىڭ تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشكە ئاز قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبونىڭ مۇكاپاتىنى كىمنىڭ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

نوبىل كومىتېتىنىڭ جۈمە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ليۇ شاۋبونىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشكە مۇمكىن بولمىسا، مۇكاپاتنى ۋاقتىنچە ئۆزلىرى ساقلاپ قويىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئايالىنى نەزەربەنت قىلغان ئىدى.

نورۋېگىيە نوبىل كومىتېتىنىڭ كاتىپى گېئىر لۇندېستاد جۈمە كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بايانات بېرىپ، "بىز مۇكاپاتنى كىمنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز شۇنداقلا بۇ پات يېقىندا مەلۇم بولماسلىقى مۇمكىن" دېگەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن تارقالغان خەۋەرلەردە، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن 143 كىشىنى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغانلىقى، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەشنىڭ ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن مۇكاپات تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆركەش دۆلەت ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن مۇكاپات تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى رەت قىلغان.

ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانىڭ بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا ليۇ شاۋبونىڭ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشنى ئۆزىگە ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن كېيىن ليۇ شيانى نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نوبىل كومىتېتىنىڭ كاتىپى لۇندېستاد "ليۇ شاۋبونىڭ مۇراسىمغا قاتنىشالمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىقتەك قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس" دېگەن. ئۇ نوبىل ئىنستىتۇتىنىڭ ليۇ شيا بىلەن بۇرۇن ۋاستىلىق ئالاقە قىلغانلىقى، لېكىن ھازىر مۇكاپاتنى ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن كىمنىڭ تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىقسىز بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ "مەسىلە قانائەتلىنەرلىك ھەل بولغانلىقىنى ھېس قىلغىچە ساقلايدىغانلىقىنى"نى بىلدۈرگەن.