يۈز نەچچە نەپەر نوبېل ساھىبى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 134 نەپەر نوبېل ساھىبى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بۈگۈن دۇنيا بويىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان بىردىن-بىر نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليۇشيا ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نەزەربەندنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

نوبېل ساھىبلىرى مەكتۇپىدا، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇلتۇر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان چېغىدا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ ئىشلىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، شى جىنپىڭنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئەمەلىي قەدەم بېسىشقا چاقىردى.

مەكتۇپتا يەنە، دۇنيانىڭ نەرىدە پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىسا شۇ جايدا ئىجادچانلىق ۋە تەرەققىياتنىڭمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، شى جىنپىڭنى ھېچ بولمىسا تەرەققىياتقا توسالغۇ بولماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭغا خەت يازغان نوبېل ساھىبلىرى ئىچىدە، تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئايال يازغۇچى تونۇي موررىسونمۇ بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.