ما يىڭجيۇ تەيۋەنگە ئاساسى خەۋپنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ تۈنۈگۈن تەيبېيدا ئېچىلغان بىر خەلقئارالىق يىغىندا سۆز قىلىپ، تەيۋەنگە ئاساسى خەۋپنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا تەيۋەن تىنچلىق ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ يۈز بەرگۈسى يامان كۈنلەرگە قارىتا تەييارلىقتا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئەمما ئۇرۇش قىلىشقا ئىنتىلمەسلىك، تەيۋەن ئارمىيىسىنى سان جەھەتتىن ئاز، ئەمما ئىقتىدار جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە سەرخىل قىلىش دەپ كۆرسەتتى.

ما يىڭجيۇ يەنە چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ھەربىي جەھەتتىن مۇسابىقىلەشمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قورال كۈچى كارغا كەلمەيدىغان بىر مۇھىتنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا نۆۋەتتە يېتىلىۋاتقان ياش ئەۋلادلار بىلەن ئىلگىرىكىلەر ئارىسىدا چوڭ پەرق بارلىقىنى تىلغا ئالغان ما يىڭجۇ، تەيۋەنگە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ما يىڭجينىڭ بۇ سۆزلىرى ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى نەزەردە تۇتقان كۆزەتكۈچىلەر، ما يىڭجيۇنىڭ خىتاينى تىنچ يول بىلەن ئۆزگەرتىش خىيالىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.