چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن كرىستوفىر سىمىت ۋە شېرود بروۋېن بۇ ھەقتە مەخسۇس باياننامە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيادىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەن 11 ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىجا قىلماقچى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن مالاي ھۆكۈمىتىنىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلدى.
مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ باشلىرىدا 16 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇنىڭ 11 ئىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارا كىشىلىك ئورگانلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت ۋە شېرود بروۋېن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، خەلقئارا قانۇنلارنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مالاي ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قالغان 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.