دائىرىلەر بۇ قۇرۇلۇش پىلانىغا 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن ۋە مەزكۇر بازىنى ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت لابراتوۋاتورلار ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاتوم پارتلاتقاندا ئىشلىتىلگەن 300 مېتىرلىق تونېلنى زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالەن ئاتوم بازىسىنى ساياھەتكە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنى، تارىخى بىر ۋەقەنى خاتىرىلەيدىغان ۋە تەبرىكلەيدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، مەزكۇر بازىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش تارىخىنىڭ بىر نامايەندىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1964-يىلىدىن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 46 قېتىم ئاتوم بومبىسى سىناق قىلغان. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە جىسمانىي، روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
