قىرغىزىستان ماناس بازىسىنى تاقىغانلىقىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەسمىي بىلدۈردى

قىرغىزىستان پارلامېنتى ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقاش قارارىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلدى.

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بازىنى تاقىغانلىق ھەققىدىكى بىلدۈرۈشنامىسى ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىسىگە تاپشۇرۇلدى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلدۈرۈشنامىسىدە "بازا، ئامېرىكا تەرەپ كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىگە ئاساسەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي بىلدۈرۈشنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن ئېتىبارەن 180 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىدۇ " دەپ كۆرسىتىلگەن . دېمەك، 20 - فېۋرال كۈنى مەزكۇر قارار كۈچكە ئىگە بولسا، ئامېرىكىنىڭ ماناس بازىسى يەنە ئالتە ئاي ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىكەن.

قىرغىزىستاننىڭ ماناس بازىسىنى تاقىغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى قوشۇنلىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭى ئورۇن ئىزدەش ئىدىيىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار پەيدا بولدى.

تۈركىيىدىكى "يېڭى شەپەق" گېزىتىدە بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى ترابزون شەھىرىدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قۇرۇپ، ماناس بازىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان.

بۇ ھەقتە رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى ئۇچۇر بەرگەن. ئەمما، ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ قەيىرىدە يېڭى بازا قۇرۇدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.