«تىنچ ئوكيان قىرى» ناملىق بۇ مانېۋىرغا يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن باشقا ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە، چىلى، تۇڭگۇ، تايلاند، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، ئەنگىلىيە، مېكسىكا، كورىيە، كانادا، سىنگاپور، ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 42 ئۇرۇش پاراخوتى 200 ئايروپىلان قاتناشتۇرۇلغان. خىتاي تەكلىپ قىلمىغان.
بۇ مانېۋىر 1971 - يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ بۇ يىلقىسى 23 - نۆۋەتلىك مانېۋىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىرغا رۇسىيە، ھىندىستان، فىلىپپىن، يېڭى زېللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە تۇڭگۇ قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىنغان.
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيە فلوتىنىڭ كوماندىرى سېلىل ھانېي مانېۋىر ھەققىدە توختىلىپ: بۇ مانېۋىر ئىدىيىسى ئوخشاش دۆلەتلەرنى ۋەقە چىققاندا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېگەن.
مانېۋىر 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.