رۇسىيىنىڭ "گازېتا.رۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى مەزكۇر ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە تاموژنىسىنىڭ رۇسىيىگە بارىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
" گازېتا.رۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى بايقال تاموژنىسىنىڭ باياناتچىسى يۇلىي فىلىپوۋ خىتايلارنىڭ مانجۇرىيىدىكى بۇ قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ مانجۇرىيە شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خىتاي چېگرا خادىملىرى بار يەردە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئەرباب بۇ ھەرىكەتنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە - خىتاي چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كۆچمەنلەر قانۇنىنى بۇزغان خىتاي پۇقرالىرىغا قوللانغان چارىلىرىغا نارازىلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۆكتەبىر ئېيىدا رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تاشقى بايقال ئۆلكىلىك ئورگىنى 156 نەپەر چەتئەللىكنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىۋەتكەن ھەم ۋىزىسىنى بىكار قىلغان شۇنىڭدەك 75 ئادەمگە جەرىمانە قويغان ئىكەن.
رۇسىيە مەتبۇئاتى خىتايلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ رۇسىيىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا سىياسىتىگە قارشى چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى پەرەز قىلىنغان.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8 - ئايدا موسكۋادىكى ئاساسلىقى خىتايلار سودا قىلىدىغان چېركىزوۋسكىي بازىرىنى تاقىۋەتكەن ھەمدە كۆپ ساندا خىتاي پۇقرالىرىنى ھەيدىۋەتكەن، شۇنىڭدەك خىتاي ۋە باشقا ئەللەر پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيىگە كېلىشىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئاشۇرغان ئىدى.