بۇ خەۋەر ئەڭ ئاۋۋال خىتايدا چىقىدىغان «بېيجىڭ سەھەر گېزىتى» تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە 12-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تارىم دەرياسى ئېقىنى بويىدىكى بۇ قەدىمىي توغراقلىق ئىچىدە نۇرغۇن جايلاردىكى توغراقلار كېسىلىپ، توغراقلىق ئىچىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ناھايىتى كەڭ دائىرىدە كېۋەز تېرىلغان. مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن توغراقلىق ئىچىدىكى كېۋەزلىكلەرنى بايقىغان.
تۇراقلىق ئىچىدە ئېچىلغان 50 مىڭ مودىن 70 مىڭ موغىچە كېلىدىغان كەڭ دائىرىلىك بوز يەر توغراقلىق سىرتىدىن كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ، سىرتتىن كۆزەتكەن ئادەم توغراقلىق ئىچىدە بۇنداق زور كۆلەملىك پاختىزارلىقنىڭ بارلىقىنى سېزەلمەيدىكەن.
شۇ يەردىكى موللاخۇن ياسىن ئىسىملىك ئۇيغۇر پادىچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توغراقلىق ئىچىدىكى ئۆزى بىلىدىغان 2000 مودىن 3000 موغىچە دائىرىدىكى جايدا بۇلتۇر 2010-يىلى بۈككىدە توغراقلىق ھەم يۇلغۇنلۇق بار بولۇپ، بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدە بۇ يەردىكى يۇلغۇنلار ھەم توغراقلار غايىب بولغان.
مارالبېشى ناھىيىلىك ئورمان ئىدارىسى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ توغراقلىق ئىچىدە بوز يەر ئېچىش قىلمىشى 2006-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مارالبېشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت توغراقلىق ئىچىدە بوز يەر ئېچىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما توغراقلىق ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلاردا بوز يەر ئېچىلىپ، بۇ جايلار ئاللىبۇرۇنلا كېۋەزلىككە ئايلاندۇرۇپ بولۇنغان.
مارالبېشى ناھىيىسىدىكى دېھقانچىلىققا مەسئۇل كادىر ئەنىۋەر تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، توغراقلىق ئىچىدە بايقالغان كېۋەزلىك مارالبېشى ناھىيىسىدە 2007-يىلى يۈز بەرگەن شامال ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى توغراقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىش دېلوسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك توغراقلىقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىش دېلوسى بولۇپ، بۇ دېلوغا پاختىزارلىقلاردىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان نۇرغۇن خىتاي ئەمەلدارلىرى چېتىلىدىكەن.
