ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىر نەچچە مايمۇندىن ئېلىنغان غول ھۈجەيرىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر مايمۇن كلون قىلىپ چىقتى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىر نەچچە مايمۇندىن ئېلىنغان غول ھۈجەيرىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر مايمۇن بالىسىنى ئۇتۇقلۇق كلون قىلىپ چىقتى. كلون تېخنىكىسىدا كۆپ ئاتا - ئانىدىن بىر تۆرەلمىنى بىرىكتۈرۈش تەجرىبىسى تېخى دۇنيادا تۇنجى ئىش ئىكەن. ئورېگون شتاتىدا چىقىدىغان «نەق مەيدان خەۋەرلىرى» گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ دۇنيادا تېخى تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان غول ھۈجەيرە تەجرىبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۆھرەت مۇتەللىپ، ئالمۇتادا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۆۋەتتە ئورېگون شتاتلىق غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى ھەمدە دۇنيا غول ھۈجەيرە تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىرى.

ئۇ ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئالمۇتالىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر، ئۇلارنىڭ بۇ تەجرىبە نەتىجىسىنى ئادەمگە تەتبىقلاش خىيالى بولمىسىمۇ، بۇنى كەلگۈسىدە ئىنسانلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.