خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئۆي چېقىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 11-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىش، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، 2009-يىلدىن 2011-يىلغىچە خىتايدا يۈز بەرگەن مەجبۇرىي ئۆي چېقىش ۋەقەلىرىدىن 41 قېتىملىق ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆي چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن 9 كىشىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان پۇقرالارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىش جەريانىدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئەيىبلەنگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدا پۇقرالارنى تۇرالغۇ ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىۋېتىش قىلمىشلىرى كۆپەيگەن.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بۇ خىل قىلمىشقا بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى چېڭدۇ شەھىرى شۇاڭلىيۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت كادىر ۋە ساقچىلاردىن 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تۈزلىمەكچى بولغىنىدا، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كەنتتىكى دېھقانلار بىلەن ناھىيىدىن كەلگەن كادىر، ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش پەيشەنبە كۈنىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە توقۇنۇشتا ئىككى ئادەم يارىلانغان.