ئۇلار ئۆز ئەرزلىرىدە يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى ئەرزان باھادا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوتتۇرىدىن نەپ ئالغانلىقىنى ئەرز قىلغان.
تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى چىڭخۇا شىركىتى تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى باغلارنى سېتىۋېلىپ، بۇ جايدا ئىستىراھەت باغچىسى ھەم مېھمانخانا قۇرماقچى بولغىنىدا، تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئەمما، يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا قايتا-قايتا بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە، بەزى دېھقانلار باغلىرىنى ئەرزان باھادا چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
ئىلگىرى، تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ باغلىرىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە نارازى بولغانلىقى ھەم بېغىنى سېتىشنى رەت قىلغان نۇرى ئىسىملىك دېھقاننىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش جەريانىدا قاتتىق خاپىلىق سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ، تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان ئىدى.