شۇ كۈنى مۇسۇلمانلار ئارافات تېغىدىكى نامېرا مەسچىتىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ، پېشىن نامىزى ئوقىدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇپتىسى ئابدۇلئەزىز ئەل شەيخنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئىسلامنىڭ نۇرغۇن كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زور مەسىلىلەرنىڭ بىرى تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئارافات تېغىغا چىقىش كۈن چىقىشتىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ئىكرام باغلىغان مۇسۇلمانلار ئارافات تېغىنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەت پەيغەمبەر بۇنىڭدىن 1400 يىل بۇرۇن ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلىگەن يېرىگە توپلانغان ئىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئۇچۇر مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز غوجا ھەج مەزگىلىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى مەككىگە تىكىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەج مەزگىلىدىكى "بۇ ئىتتىپاقلىق مەنزىرىسى ئىسلامنىڭ ھەقىقىي كۈرۈنۈشىنى، ھەقىقىي ئىسلامنى نامايەن قىلىدۇ،" دېگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل تاشقىرىدىن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج قىلىشقا كەلگەن. خىتايدىن بۇ يىل ھەجگە قاتناشقان مۇسۇلمانلار 14 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدىن ھەجگە بارغان 3 مىڭ مۇسۇلماننىڭ ئاران 1870 نەپىرىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئىرانلىقلار مەككە شەھىرىنىڭ سىرتىدا توپلىنىپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىگە قارشى شۇئار توۋلىغان شۇنداقلا ئىران دىنىي رەھبىرى ئاياتۇللاھ خامەنېينىڭ دىنىي تەلىمىنى ئاڭلاتقان. شۇ كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ھاجىلار ئارافات تېغىدىن مۇسدەلىفىگە بارىدۇ ۋە بۇ يەردە تۈنەيدۇ.