شەيتانغا تاش ئېتىش ھەج پائالىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ھاجىلار جۈمە كۈنى مەككە شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى مۇزدەلفىدە شەيتانغا تاش ئاتقان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، پادىشاھ ئابدۇللا ۋە سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ كىشىلەرنى يەمەنلىك "ئىغۋاگەرچىلەر"نىڭ سوقۇنۇپ كىرىپ، شەيتانغا تاش ئاتقان كۈنى تەپىرىقە چىقىرىشىغا قارشى ھۇشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى تانكا، برونىۋىكلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە تىك ئۇچارلار بىلەن ھەج جەريانىدىكى تەرتىپنى قوغدىغان شۇنداقلا مەككىدىكى ئىستراتېگىيىلىك جايلارغا 2000 دانە بىخەتەرلىك كامىراسى ئورۇنلاشتۇرغان. شەيخ ئوسمان ھايات ھەرەمدىكى مۇسۇلمانلارغا جۇمە خۇتبىسى سۆزلەپ، مۇسۇلمانلارنى ئۆز - ئارا ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىغا "بۆلگۈنچىلىك سېلىۋاتقان پىتنىچىلەر"نى ئەيىبلىگەن.
سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر ۋە سەئۇدى مەتبۇئاتى بولسا، ئىراننى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگرىسىدىكى خۇتىلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەن. يېقىندا سەئۇدى بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن خۇتىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيگەن بولۇپ، سەئۇدى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە نايېف ئىسيانچى كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ "سەئۇدى زېمىنىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماقچى" بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئىرانلىقلار پەيشەنبە كۈنى مەككە شەھىرىنىڭ سىرتىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئاياتۇللاھ خامېينېنىڭ باياناتىنى ئوقىغان ئىدى.