مېكسىكا خىتايغا ساياھەت قىلماسلىقنى ئۇقتۇردى

مېكسىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چوشقا زۇكىمى مەسىلىسىدە مېكسىكىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە نىسبەتەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا جاۋابەن ھەرىكەت قوللانغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاترىشىئا " بىز خىتايدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىمىز" دەپ تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى مېكسىكا پۇقرالىرىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق ۋە بولمىغانلىقىغا قارىماي، ئۇلارغا ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئەيىبلىگەن. چۈنكى، خىتاي بېيجىڭدىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن 50 نەچچە مېكسىكىلىقنى كېسەل بىلەن گۇمانلىنىپ، ئادەملەردىن ئايرىغان.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەكسىچە مېكسىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بارماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئۆزگەرتكەنگە قەدەر داۋاملىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇنىڭ ئالدىدا مېكسىكا تەرەپ بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا چوشقا زۇكىمى مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىققان بولۇپ، مېكسىكا مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.