مېكسىكىدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى خىتايدىن كەلگەن

"خەلقئارا كىشىلەر رايىنى سىناش تور بېكىتى" نىڭ 12 - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2007 - يىلى ئامېرىكىدا تۇتۇلغان، مېكسىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى يې جىنلى ئىسىملىك زەھەر ئەتكەسچىسى ھازىرغىچە دۇنيادا تۇتۇلغان زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئىكەن.

يې جىنلى ختاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مېكسىكا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 46 ياشلىق يې جېنلى 1990 - يىلى خىتاينىڭ بىر دورا شىركىتى تەرىپىدىن مېكسىكىغا ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۇ مېكسىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئائىلىلىك بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەم 2002 - يىلى مېكسىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ئىكەن.

2006 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مېكسىكا ساقچىلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغىنىدا ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدىن پۇل بىلەن قوپۇرۇلغان تامنى بايقىغان بولۇپ، ساقچىلار 2000 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بۇ پۇللارنى چوڭ بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق 25 ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ قوغدىشى بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە توشۇپ ئەكەلگەن.

ساقچىلار كېچىچە سمېنا ئىشلەپ ساناش ئارقىلىق بۇ پۇللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدە 2 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 200 مىڭ ياۋرو،157 مىڭ 500 مېكسىكا پىسوسى بار ئىكەن. يې جېنلىنىڭ ئۆيىدىن يەنە 8 دانە ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل، 7 دانە ئاۋاز پەسەيتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان تاپانچا تېپىلغان.

مېكسىكا ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يې جېنلى ئاساسلىقى مۇزسىمان زەھەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر كىلوگرام خام ئەشيا ئۈچۈن 49$ سەرپ قىلىپ، ئىشلەپچىقارغان مۇزسىمان زەھەرنى كېلوسى 2400$ دىن 3000$ غىچە باھادا ساتقان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇ ھەر كۈنى 1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپىدىكەن. ئۇنىڭ ماللىرى ئامېرىكىدىكى مۇزسىمان زەھەرنىڭ 80% نى ئىگىلەيدىكەن.