ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت تاقالغان شاڭخەي "مۈشۈكئېيىق" سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركىتى 2008 - يىلى مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكى سەتچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن زاۋۇتلارنىڭ بىرى ئىكەن.
خىتايدا 2008 - يىلى مېلامىن ئارىلاشقان سۈت پاراشوكى ئىستېمال قىلغان 6 بوۋاقنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 300 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ زەھەرلىگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇ خىتايدا زور ساراسىمە پەيدا قىلغان ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتى ئارىلاشقان يېمەكلىكلەرنى چەكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.
شاڭخەي شەھىرى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە مەزكۇر زاۋۇت ئىشلىگەن سۈت مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى مېلامىن مىقدارى "قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۇقىرى" ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۇچۇن ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكىغا قارىتىلغان.
خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى يەنە "مۈشۈكئېيىق" سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى نىڭشا مۈشۈكئېيىق سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىنىمۇ تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
زەھەرلىك ماددا مېلامىن خىتايدا ئېشىلگەن ئەرمەك ھايۋان يېمەكلىكى ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرى تەركىبىدە 2007 - يىلى بايقالغان ۋە شۇ سەۋەبتىن دۇنيا خاراكتېرلىك خىتايدا ئىشلەنگەن بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى.
2008 - يىلدىكى مېلامىن ئارىلاشقان سۈت پاراشوكى سەتچىلىكى سەۋەبىدىن خىتايدا نۇرغۇن سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرى ھەسسىلەپ زىيان تارتقان. خىتاي دائىرىلىرى مېلامىن سەتچىلىكىگە چېتىلغان بىر قىسىم ئادەملەرنى قولغا ئالغان ۋە بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى قوللانغان بۇ خىل تەدبىرلەر كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى تەركىبىگە مېلامىن قوشۇش قىلمىشى خىتايدا تېخى تۈگىنى يوق. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا شەنشىدىن گۇئاڭشىغا مېلامىن ئارىلاشقان 5 توننا سۈت پاراشوكى ئېلىپ ماڭغان 3 ئادەمنى تۇتقان.