بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلىغان ئائىلىلەردىن 5 نەپەر ئاتا - ئانىنى يېڭى يىلدا تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ ناھىيىسىدىكى بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سولاپ قويغان.
پەرزەنتلىرى زىيانغا ئۇچرىغان 12 ئائىلە 2 - يانۋار كۈنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ گۇاڭئەن يولىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلىغان ۋە مۇخبىرلارغا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ئىدى.
ئاتا - ئانىلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى " ئۈچ بۇغا" سۈت مەھسۇلاتلار شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تيەن ۋېنخۇا ۋە ئۇنىڭ يانداشلىرىنى مېلامىن ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ سوتلاۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى.
بېيجىڭ گېزىتى جۈمە كۈنكى بىر خەۋىرىدە ئەگەر تيەن ۋېنخۇا قاتارلىقلارنىڭ جىنايىتى مۇقىملاشسا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. داشىڭ ناھىيىسىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سولاپ قويۇلغان ئاتا - ئانىلاردىن ئوغلىنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشكەن بىر ئەرىزدار، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا "بىز ھازىر ئائىلە نەزەربەنتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىمىز، ئۇلار بىزنى نېمە ئۈچۈن نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى" دەپ تەكىتلىگەن.
ئاخبارات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان 5 نەپەر ئاتا - ئانا نەزەربەنت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن قالغان ئاتا - ئانىلار جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتنى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان، لېكىن شۇ كۈنى ئۈچ بۇغا شىركىتىگە قارشى قۇرۇلغان تور بېكىتى توسۇۋېتىلگەن.
ئۈچ بۇغا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 سۈت مەھسۇلاتلار كارخانىسى يېڭى يىلدا كىشىلەرگە تېلېفون تېكىستى يوللاپ، ئۆزلىرىنى ئەپۇ قىلىشى ۋە كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.