تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، مەمۇر قوبۇل قىلىشتا مىللەت چەكلىمىسى قويۇۋېتىلىدۇ، دېيىلگەن. ئەمما، يۇمۇرلۇققا ئىلتىماس قىلىدىغانلارغا چوقۇم مەخسۇس سانائەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى خىزمەت قىلغان مۇنەۋۋەر ئىشچىلار ياكى ماھارەت ئىش ئورنىدىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە باشقۇرغۇچى بولۇپ تاللانغانلار بولۇشى، ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى دېگەندەك شەرتلەر قوشۇلغان.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ھۆكۈمەت كارخانا ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدا باشقۇرغۇچى بولۇپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ قېتىملىق مەمۇر قوبۇل قىلىشتا ئاساسىي سالماقنى يەنىلا خىتايلارنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىشسىزلىق مەسىلىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رايوندىكى ئىش ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا يول قويماي، چەتكە قېقىشىنى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسىي نېگىزى، دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارغا ئىش بېرىشنىڭ ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىشچى-خىزمەتچى يۆتكەشنى، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا خىتايلارنى ئاساس قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.