مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن

ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داۋام قىلماقتا. بۇ يىغىن بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. يىغىن مەيدانىدىكى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى كارا ئابرامسون خانىم ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك چۈشەنچىسى ۋە نوزۇگۇم ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

يىغىندا يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ماقالە ئوقۇغان. يىغىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ.