خىتاينىڭ ئاساسلىق مەركىزىي كارخانا رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولدى

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ دۆلەت بايلىقلىرى كومىتېتى ۋە خىتاي مەركىزىگە تەۋە 121 شىركەتنىڭ رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

يىغىنغا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى دۆلەت بايلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭيوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە باشقىلار قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا خىتاي مەركىزىي شىركەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىدىكى رولىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىلگەن بولۇپ، گەرچە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىچكىرى خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەركىزىي شىركەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ يەنىلا مۇھىم سالاھىيەت ھەم رولغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دۆلەت بايلىقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭيوڭ سۆزىدە بۇ نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەركىزىي كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىكى باشلامچى ۋە ئاساسىي قوشۇنى بولۇش»نى تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي كارخانىلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 44 مەركىزىي كارخانا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت-خىمىيە سانائىتى، كۆمۈرچىلىك، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، مېتاللۇرگىيە ساھەسىگە كىرگەن ۋە مەبلەغ سالغان.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي مەركىزىي كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان جايلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي مەركىزىي كارخانىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسلىقى، نېفىت-تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتال، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن. خىتاي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە 300 مىليارد يۇئەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى مۇھىم نېفىت ۋە تەبىئىي گازى بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەن.