دىلشات رىشتىنىڭ بايان قىلىپ بېرىشىچە، كۇچا ناھىيىسى روزا-رامزان مەزگىلىدە كۇچادىكى 54 مەسچىتنىڭ ھەممىسىگە قىزىل بايراق قاداشنى بۇيرۇق قىلغان بولۇپ، مەزكۇر قارار ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي دائىرىلىرى مانا بۇ قارارغا نارازىلىق كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۇچا ناھىيىسىگە قاراشلىق ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىن 5 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ ئەكەتكەن. ئۇلارنىڭ كۇچا ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
روزا-رامزان مەزگىلىدە كۇچادا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىم قاتمۇ-قات ئاشۇرۇلغان. بېشىنى ئورىۋالغان ئاياللار ۋە ساقال قويغان ئەرلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، دىلشات رىشىت ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدا يەنە 4 ئۇيغۇرنىڭ ساقال قويغانلىقتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.