خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئۆلچەش-خەرىتىگە ئېلىش ئىدارىسى، مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت كابىنىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى، دۆلەت مەخپىيەت ئىدارىسى، تاموژنا قاتارلىق 13 چوڭ تارماق ھازىر، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نەشر قىلىنغان خەرىتىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ چوڭ ھەرىكەت قوزغاشقا تەييارلانماقتا.
خىتاينىڭ دۆلەت ئۆلچەش-خەرىتىگە ئېلىش ئىدارىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر جايلاردا تەكشۈرۈپ-بېكىتىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا نەشر قىلىنغان، ئەڭ مۇھىمى دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان يەر ناملىرىنى قوللانمىغان خەرىتىلەر كۆپ ئىكەن، بۇنداق قانۇنسىز نەشرىيات بۇيۇملىرى ئەمدى چوقۇم كىتابخانىلاردىن تازىلىنىپ، كۆيدۈرۈۋېتىلىشى كېرەك ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ چوڭ خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدىكەن، رەھبەرلىك گۇرۇپپا تۈزۈپ چىققان قانۇن-بەلگىلىمىلەر ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئەينەن ئىجرا قىلىشىغا چۈشۈرۈپ بېرىلىدىكەن.