گوگۇل تورىدىكى پىدائىيلار خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخپىي ساقچى تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

26-ماي كۈنى ئۆزلىرىنى «تور دۇنياسىدىكى پىدائىي تەرجىمانلار» دەپ ئاتىغان تور ئابونتلىرىدىن، جۇ يىچۈن ھەم فاڭ چۈيۈن تەخەللۇسىدىكى ئىككىيلەن گوگۇل تور بېكىتىدە، «فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خۇپىيانە ھالدا مەخپىي ساقچى تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى تەسىس قىلدى» دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «مەخپىي ساقچى تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى» بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھېچقانداق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمەستىن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن شاڭخەي مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن.

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇنداق بىر ئىنستىتۇت بارلىقىدىن ھەتتا فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ خەۋەرسىز بولۇپ، ئۇلار بۇ خەۋەرنى مەلۇم بىر بلوگدا چاپلانغان ئۇچۇردىن بايقىغان ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى 5 چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا بۇ خىل مەخپىي ساقچى تەربىيىلەش مەركەزلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ھەم خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخپىي ساقچى تەربىيىلەش كۇرسلىرى بار بولۇپ، بۇ كۇرسلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگۈچى ئورۇن خىتاي دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسى ئىكەن.