مېكسىكا دائىرىلىرى خىتايدىن كەلگەن 120 توننا زەھەرلىك ماددىنى قولغا چۈشۈردى
2011.12.29
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مېكسىكا دائىرىلىرى بۇ زەھەرلىك ماددا قولغا چۈشكەن ئېنىق كۈننى ئاشكارىلىمىغان. ئەمما بۇ خىل خىتايدىن قانۇنسىز توشۇلغان زەھەرلىك ماددىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم قولغا چۈشۈشى ئىكەن. مېكسىكا ھەربىي دائىرىلىرى تېخى دېكابىرنىڭ بېشىدا خىتايدىن كەلگەن 100 توننا مونومېتىيلامىننىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
مونومېتىيلامىن نېرۋىنى غىدىقلاپ، ئادەمنى كۈچلۈك خۇمار قىلىدىغان مېتامفېتامىن ياسايدىغان خام ماددا بولۇپ، ئادەتتە مېتامفېتامىن سۈنئىي بىرىكمىلىك زەھەرلىك چېكىملىك ياساشتا ئىشلىتىلىدىكەن.
مونومېتىيلامىن خەلقئارالىق زەھەرگە قارشى تۇرۇش تارماقلىرى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىدىغان ماددا بولۇپ، بۇنى يۆتكەش قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما مېكسىكا دائىرىلىرى بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 1200 توننىدىن ئارتۇق مونومېتېيلامىن قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.