خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاز سانلىقلارنىڭ قانۇنى مەنپەئەتىنى قوغداشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا سىنئالغۇ يىغىنى چاقىرىپ، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ئاز سانلىقلارنىڭ قانۇنى مەنپەئەتىنى قوغداشنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ھەرىكەت بولۇپ، لېكىن بۇ ھەرىكەت ئۆكتىچى پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەيدىغان سىياسىي شۇئارغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۇ شۇئارى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى.

سىنئالغۇ يىغىنى خىتاي مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىڭچياڭ، بۇ پائالىيەتنى "ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىسىنى بەھرىمان قىلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش، مىللىي سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاز سانلىقلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش"نى تەكىتلىگەن. لېكىن ياڭ يەنە، بۇ پائالىيەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئايدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى " چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىلىدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن تەرەققىياتتىن يەرلىك خەلقنى قانداق بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىغا دائىر كونكرېت پىلان ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدى.