"5 - ئىيۇل" ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، رايوندا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇرۇشقا كەلگەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى چېكىندۈرمەيلا قالماستىن، بەلكى يېڭىدىن 5000 نەپەر ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتكەن ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېمتىھان سوئاللىرىغىمۇ مۇقىملىق ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون ۋەزىيىتىدىن يەنىلا ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
