ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېڭى ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ۋە "ئۈچ ئايرىلالاماسلىق" پرىنسىپلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ يېڭى تاكتىكىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، بىر مىليون ياش - ئۆسمۈرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە "قولنى قولغا تۇتۇشۇش" ھەرىكىتى باشلىغاندىن سىرت يەنە " تۆت چۈشەنچە بىرلىكى" ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش ئىستراتېگىيىسى بەلگىلىگەن.

مەزكۇر "تۆت چۈشەنچە بىرلىكى " دېگىنى،" ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى چۈشەنچە بىرلىكى، خەنزۇ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىگە چۈشەنچە بىرلىكى، ھەر مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئارىسىدىكى چۈشەنچە بىرلىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ بۇ ئۇسۇلنى بەلگىلەشنىڭ ئاساسلىرىنى چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ يېڭى ئۇسۇللار بىلەن ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرگىلى، ھەر مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى چۈشەنمەسلىكنى، تۈگەتكىلى بولىدىكەن.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، بۇ يىل 3 - ئايدىن باشلاپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن 5000 نەپەر خىتاي ئەمەس مىللەت ئۆسمۈرلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ۋە سانجىدىكى بەش مىڭ نەپەر خىتاي ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا قولنى قولغا تۇتۇشۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزارا ھەر ئايدا ئىككى پارچە خەت يېزىشىش، ھەپتىدە بىر قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىش بەلگىلەنگەن.